تونۇشتۇرۇش

From translatewiki.net
This page is a translated version of the page Translating:Intro and the translation is 89% complete.
translatewiki.net
Introduction
Getting started
Translation tutorial
How to start
See also
Localisation guidelines
Translating offline
FAQ
Support

تونۇشتۇرۇش

ئادەتتە تەرجىمە ۋە يەرلىكلەشتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى ئۇ ئىنگلىزچە بىلمەيدىغان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلىتىشىگە ياردەم قىلىدۇ. مەسىلەن MediaWiki ئوخشىمىغان تىلدا Wikipedia نى ئىجرا قىلىدۇ، شۇڭلاشقا MediaWiki تەرجىمە قىلىنسا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدا ھەقسىز ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيدۇ. (تېخىمۇ كۆپ ئاتالغۇ ئۇچۇرلىرىنى Gettext قوللانمىسى ۋە Wikipedia دىن زىيارەت قىلىڭ. )

بۇ translatewiki.net دا، بىز ئاساسىي مۇئەسسەلەرنى ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كودى ئوچۇق يۇمشاق دېتاللار ۋە ئەركىن ئەسەرلەرگە تېخىمۇ قولاي بولغان يەرلىكلەشتۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەۋاتىمىز. بىز تىرىشىپ ئىككى نىشاننى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

بىزنىڭ بىرىنچى نىشانىمىز ئۈنۈم. جەرياننىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بىز يۇمشاق دېتال ئىجادىيەتلىرىنىڭ جەريانىغا زىچ ماسلىشىپ، تېخىمۇ قىسقا ئىجادىيەت دەۋرىنى قولغا كەلتۈرىمىز. ئۇندىن باشقا، بىز ئۆزلۈكىدىن تەرجىمە قىلىدىغان توپلاشتۇرۇلغان قورالنى تەتقىق قىلىپ چىقتۇق. بۇنداق بولغاندا شەخسىي تەرجىمانلار زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلالايدۇ.

بىزنىڭ ئىككىنچى نىشانىمىز ھەمكارلىشىش. پۈتكۈل سىستېما MediaWiki ئاساسىدا قۇرۇلغان. MediaWiki بىر خىل مودا بولغان ۋىكى موتورى بولۇپ، ھەمكارلىشىدىغان جامائەت ئۈچۈن قۇرۇلما تەمىنلەيدۇ. بىز تەرجىمانلارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىشىشىنى رىغبەتلەندۈرىمىز، ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ قۇرۇلۇش ۋە تىل چەكلىمىسىنى بۇزۇپ، ئىجادكارلار بىلەن تەرجىمانلار ئارىسىدىكى يىپىشتۇرغۇچى بولىمىز.

سىز پىروگراممىنى قانداق يېزىشنى بىلىشىڭىز ھاجەتسىز. ئەگەر ۋىكى يۇمشاق دېتالىغا پىششىق بولسىڭىز، سىز ناھايىتى تېزلا translatewiki.net نىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋالالايسىز. بىردىنبىر تەلەپ تەرجىمە قىلىدىغان تىلنى ئىگىلەش، بىر توركۆرگۈ ۋە ئوچۇق ئىدىيە بولۇش كۈپايە.

The flagship project of translatewiki.net – MediaWiki – is currently used in more than 300 languages. Translatewiki.net receives updates on more than 100 languages each month.